ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا تىرناقلىرى تۇچتىن، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنى كۆرۈپ: ئى جىبرىئىل! ئۇلار كىم؟ دېۋىدىم، جىبرىئىل: بۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشىنى يەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىلەر» دېدى ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا تىرناقلىرى تۇچتىن بولغان، تىرناقلىرى بىلەن يۈزلىرى ۋە بەدەنلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ھەيران قىلىپ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىن: ئۇلار كىم؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى مۇشۇنداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: ئۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ۋە ئابرۇيىنى چۈشۈرىدىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى