پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىغا دۇنيا-ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلىنغان گۇناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەۋۋىلى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر: ئۇ بولسا، ئىبادەتنىڭ تۈرلىرىدىن قايسى بىر تۈرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا، پەرۋەردىگارلىقىغا، گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئالى سۈپەتلىرىگە ئاللاھنىڭ غەيرىنى باراۋەر قىلىش دېمەكتۇر. ئىككىنچىسى: ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش: بۇ ئاغزاكى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن بولسۇن ئاتا-ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك قىلىش دېمەكتۇر. ئۈچىنچىسى: باشقىلارغا زۇلۇم ياكى دۈشمەنلىك قىلىپ بولسۇن ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش. تۆتىنچىسى: ئۇ ساھىبىنى چۆكتۈرىۋېتىدىغان قەسەم: ئۇ بىلىپ تۇرۇپ يالغان قەسەم قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ئاتىلىشى بۇ شەكىلدىكى قەسەم، قەسەم قىلغۇچىنى گۇناھقا ياكى دوزاخ ئازابىغا چۆكتۈرىۋېتىدۇ.