پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈممەتتە ئۆتكەن بىر ئادەم توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى. ئۇ قاتتىق جاراھەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چىدىماستىن ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە شىپاسىدىن ئۈمىدسىزلەندى. ئىمان ۋە چىن ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھتىن ساۋاب كۈتۈپ سەبرى قىلالماي، ئۇنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ تۇرالمىدى ۋە پىچاق ئېلىپ قولىنى كېسىۋەتتى. قان توختىماي ئېقىپ ئاخىرى ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ تائالا دېگەن گەپنىڭ مەزمۇنى: بۇ بەندەم مېنىڭ رەھمىتىم ۋە شىپالىق بېرىشىمگە سەل قارىدى. مېنىڭ سىناقلىرىمغا بەرداشلىق بېرەلمەستىن، ھارام قىلىنغان بۇ جىنايىتى بىلەن مەن تەرەپكە ئالدىراپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەجىلىنى قىسقارتقانلىقىنى ئويلاپ قالدى. شۇڭا ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم. جەننەت ھارام قىلىنغان ئادەمنىڭ بارىدىغان جايى دەۋزەخ بولىدۇ