پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۆزى ئۈچۈن بىر كۆل بولىدىغانلىقى، ئۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا بىر ئايلىق مۇساپە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ئۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ بەك ئاقتۇر. ئۇ سۇنىڭ پۇرىقى مىسكە-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىنمۇ بەك خۇشبۇيدۇر. ئۇنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزنىڭ سانىدەك كۆپتۇر. شۇ قەدەھلەر بىلەن كۆلدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ.