پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ كۆلىنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئاسمانلاردىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدىن كۆپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلدى. ئاشۇنداق بولىشى: ھاۋا ئوچۇق ئاي چىقمىغان قاراڭغۇ كېچىدە يۇلتۇزلار شۇنداق ئوچۇق پارلايدۇ، چۈنكى ئاي چىققان كېچىدە ئاينىڭ نۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن يۇلتۇزلار ئوچۇق پارلىيالمايدۇ، شۇنىڭدەك بۇلۇتلۇق كېچىدىمۇ بۇلۇتلار يۇلتۇزلارنىڭ پارلىشىنى توسۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭ قاچىلىرى جەننەتنىڭ قاچىلىرىدۇر، بۇ قاچا بىلەن بۇ كۆلدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ. شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇسسۇغان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلىگە جەننەتتىن ئىككى نوكەشتىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، ئۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاشتۇر. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپى بارابەردۇر، كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى شامنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇممان بىلەن ئەيلە ئارىسىدىكى مۇساپىدەك كىلىدۇ. ئۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ بەك ئاقتۇر، تەمى ھەسەلدىنمۇ بەك تاتلىقتۇر.