پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئۈممىتىدىن بىر كىشىنى تاللاپ چاقىرىپ، ھېساپ ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا توقسەن توققۇز پۈتۈك دەپتىرىنى يايىدىغانلىقى، ئۇ بولسا شۇ ئىنساننىڭ دۇنيادا قىلغان يامان ئەمەل دەپتىرى ئىكەنلىكى، ھەر بىر دەپتەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى كۆز يەتكۈسىز ئۇزۇنلۇقتا بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ئاندىن ئاللاھ تائالا بۇ كىشىگە: «مۇشۇ پۈتۈكلەرگە يېزىلغان بىرەر نەرسىنى ئىنكار قىلامسەن؟، پۈتۈكلەرنى يازغۇچى پەرىشتىلىرىم ساڭا زۇلۇم قىلدىمۇ؟ دەيدۇ. ئۇ كىشى: ياق ئى رەببىم! دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: «سېنىڭ دۇنيادا قىلغان ناچار ئەمەللىرىڭنىڭ سەھۋەنلىكتىن ياكى خاتالىقتىن ياكى بىلمەسلىكتىن بولۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئۈزۈر ۋە كۆرسىتىدىغان سەۋەپلىرىڭ بارمۇ؟»دەيدۇ. ئۇ كىشى: ياق ئى رەببىم! مېنىڭ ئۈزۈرلىرىم يوق دەيدۇ. ئاللاھ تائالا:« شۇنداقلا، بىزنىڭ ھوزۇرىمىزدا سېنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭ بار، بۈگۈن ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ»دەيدۇ. ئۇ كىشىگە : ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دېگەن سۆز يېزىلغان كارتنى چېقىرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: «بۇ كارتنى مىزانىڭغا قويغىن» دەيدۇ. ئۇ كىشى ئەجەپلىنىپ: ئى رەببىم! ھەر بىرى كۆز يەتكۈسىز بولغان بۇ پۈتۈكلەر بىلەن بۇ كارت قانداقمۇ مىزاندا باراۋەر كەلسۇن؟ دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: «بۈگۈن ساڭا ھەرگىز زۇلۇم قىلىنمايدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈك دەپتەرلىرى مىزاننىڭ بىر تەرىپىگە، كارت يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلىدۇ، پۈتۈكلەر قويۇلغان تەرەپ يەڭگىل كېلىدۇ، كارت قويۇلغان تەرەپ ئېغىر كېلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.