ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، ئاللاھ مېنى ئەپۇ قىلامۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرمىدىڭمۇ؟» دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە، دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاشۇ شاھادەت كەلىمىسى ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدۇ» دېدى. تېكىست توغرا - ئەبۇ يەئلا، تەبەرانىي ۋە زىيائۇل مەقدىسى رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن چوڭ-كېچىك بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، مېنىڭ گۇناھىم كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ««سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرمىدىڭمۇ؟» دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئۇ كىشى: ھەئە، گۇۋاھلىق بېرىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە شاھادەت كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئۇنىڭ خاتالىقلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقى، تەۋبە قىلىش بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى گۇناھلار ئۆچۈرلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ كاتتىلىقى، بۇنى چېن دىلى بىلەن دېگەن كىشى ئۈچۈن بارلىق خاتالىقلىرىدىن ئۈستۈن كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
  • ئىسلام، مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرىكى خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ.
  • سەمىمىيەت بىلەن قىلىنغان تەۋبە ئىلگىرىكى خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ.
  • تەكرار تەلىم بېرىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر.
  • ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قىلىشتىن قۇرتۇلۇشقا سەۋەپ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.