بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە زۇلۇمنى ھارام قىلغانلىقىنى، كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ھارام قىلغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە زۇلۇم قىلماسلىقىنى دېدى. ئاللاھ تائالا ھىدايەت قىلغان ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغان كىشىلەردىن باشقا ھەممە كىشىلەر ئازغۇن يولدىدۇر. كىمكى ئاللاھدىن ھىدايەتنى سورىسا ئاللاھ ئۇنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە توغرا يولغا مۇشەررەپ قىلىدۇ. خەلقنىڭ ھەممىسى بارلىق ئېھتىياجلىرىدا ئاللاھ تائالاغا مۇھتاجدۇر، كىمكى ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىنى ئادا قىلىشنى سورىسا ئۇ كىشىگە ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ. ئۇلار كېچە-كۈندۈز خاتالىق سادىر قىلىدۇ، بەندە مەغپىرەت تەلەپ قىلغاندا ئاللاھ ئۇنى ئاشكارىلىمايدۇ ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالاغا پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەقۋادار بىر ئادەمنىڭ دىلىدەك تەقۋا بولسا، ئۇلارنىڭ تەقۋالىقى ئاللاھنىڭ مۇلكىيتىدە ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاسىق بىر ئادەمنىڭ دىلىدەك پاسىق بولسا، ئۇلارنىڭ پاسىقلىقى ئاللاھنىڭ مۇلكىيتىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاجىز، ئاللاھقا ئېھتىياجلىق، ئۇلار ھەر ۋاقىت ۋە ھەر ئورۇندا ئاللاھ تائالاغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن بىھاجەتتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىنسانلىرى، جىنلىرى، ئەۋۋەلقىلىرى، كىيىنكىلىرى ھەممىسى بىر مەيداندا تۇرۇپ ئاللاھدىن مەقسەتلىرىنى سورىسا، ئاللاھ تائالا ھەر بىرىگە سورىغىنىنى بەرسە بۇ خۇددى يېڭنىنى دېڭىز سۇيىگە سىلىپ ئالسا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە كېمەيمىگەندەك ئاللاھنىڭ خەزىنىسىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەيدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل بىھاجەتلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ھېسابلاپ قويىدۇ، ئاندىن ئۇنى قىيامەت كۈنى ئۇلارغا تولۇقلاپ بېرىدۇ، كىمكى قىلغان ئىشىنىڭ مۇكاپىتىنى تاپسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى تائەت-ئىبادەتلەرگە مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھەمدە ئېيتسۇن، كىمكى قىلغان ئىشىدا ياخشىلىقنىڭ غەيرىنى تاپسا، پەقەت ئۆزىنى زىيانغا ۋە يامانلىققا يىتەكلىگەن نەپسىگە مالامەت قىلسۇن.