پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ۋە دىن ئۈگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يەمەندە ناسارالاردىن ئىبارەت ئەھلى كىتابقا دۇچ كېلىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار بولىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنى دىنغا دەۋەت قىلغاندا ئاۋۋال ئەڭ مۇھىم بولغاندىن باشلاش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇلارنى ئاۋۋال ئەقىدىنى توغرىلاپ ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ كەلىمە بىلەن ئىسلام دىنىغا كېرىدۇ، ئۇلار بۇنىڭغا بويسۇنسا، ئۇلارنى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، چۈنكى ناماز بولسا تەۋھىددىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار نامازنى ئادا قىلسا، ئۇلارنىڭ بايلىرىنى ماللىرىنىڭ زاكىتىنى كەمبەغەللىرىگە بېرىشكە بۇيرىدى، شۇنداقلا، زاكاتنى ئالغاندا ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى زاكاتتا ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئوتتۇرۇھاللىرىنى ئالسا ۋاجىپ ئادا تاپىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بەددۇئاسىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن زۇلۇمدىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرىدى، چۈنكى مەزلۇمنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ.