پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرەيشلەرنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ بىن جەدئاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالىدىن خەۋەر بەردى. ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، مىسكىنلەرگە يېمەك بېرىش ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىش ھېسابلىنىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ئىسلام رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئاللاھقا ئىشەنمەي كاپىر بولۇپ، بىر كۈنمۇ: رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن»دېمىسە، بۇ ياخشىلىقلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىگە پايدىسى بولمايدۇ.