پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىگە يېقىن بولغان جايدىكى ھۈدەيبىيە دېگەن جايدا كېچىدە يامغۇر ياققاندىن كېيىن ئەتتىگەندە بامدات نامىزىنى ئوقۇدى. نامازنى ئادا قىلىپ سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەرگە يۈزلىنىپ ئۇلاردىن سورىدى: «رەببىڭلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»دەپ سورىدى. ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يامغۇر ياغقاندا ئىنسانلارنىڭ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ؛ بىر قىسمى مۇئمىن، يەنە بىر قىسمى كاپىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما: ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن يامغۇرغا ئېرىشتۇق دەپ يامغۇرنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بەرگەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەسەررۇپ قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئىشلىرىغا شېرىك قىلمىغانلاردۇر. ئەمما: پالانى يۇلتۇز پالانى جايغا كەلگەندە يامغۇرغا ئېرىشىمىز دېگەنلەر ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغۇچى ۋە يۇلتۇزلارغا ئىشەنگۈچىدۇر، يامغۇرنىڭ يېغىشىنى يۇلتۇزلارغا نىسبەت بېرىش بولسا كېچىك شېرىكتۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالا شەرىئەتتىمۇ ۋە تەقدىردىمۇ يۇلتۇزنى يامغۇرنىڭ يېغىشىغا سەۋەپ قىلمىدى. ئەمما يامغۇرنىڭ يېغىشىنى ۋە زېمىندا يۈز بەرگەن باشقا ھادىسىلەرنى يۇلتۇزلارنىڭ ئۇپۇقتا ھەرىكەتلىنىشى ۋە چۈشۈپ كېتىشىگە نىسبەت بېرىپ، يۇلتۇزنى بۇنىڭ ھەقىقى قىلغۇچىسى دەپ ئېتىقاد قىلسا ، ئۇ كىشى ئىسلامدىن چېقىپ كېتىدىغان ھەقىقى كاپىر بولىدۇ.