پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مېھرى-مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم بېرىش، بىر-بىرىدىن يەتكەن زەرەر ۋە ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىشتىن ئىبارەت زۆرۈر ئىشلارنى بىر پۈتۈن بەدەنگە مىسال قىلىپ، خۇددى بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىززىتما بىلەن بىئارام بولىدۇ دەپ بايان قىلىپ بەردى.