ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە ھاجەت خۇتبىسىنى تەلىم بەرگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ھاجەت خۇتبىسىدىكى ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى سۆزنى باشلىغاندا ئېيتىدىغان سۆزلەردىن ئىبارەتتۇر، بۇ نىكاھ خۇتبىسى ۋە جۇمە خۇتبىسى قاتارلىق خۇتبىلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ خۇتبە مەدھىيەنىڭ ھەممە تۈرلىرىگە ئاللاھنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، ھېچ قانداق شېرىكى بولمىغان يالغۇز ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلىش، گۇناھلارنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئەپۇ قېلىۋېتىشنى سوراش، نەپسىنىڭ يامانلىقى ئۇنىڭ غەيرىدىكى تۈرلۈك يامانلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشتىن ئىبارەت كاتتا مەقسەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىدايەتنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچ كىم ئازدۇرالمايدىغانلىقىنى، ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى ھېچ كىشىنىڭ توغرا يولغا باشلىيالمايدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋھىد كەلىمىسىنى زىكىر قىلدى، ھەقىقەتەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئەلچىلىك شاھادىتى بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. بۇ خۇتبىنى مۇشۇ ئۈچ ئايەت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، بۇ ئۈچ ئايەت ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ بۇيرىقىنى ئادا قىلىش، چەكلىمىسىدىن يېنىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى توغرىلاپ ياخشى ئىش قىلغان كىشىنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قىلىنىدۇ، گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دۇنيادا ئېسىل ھاياتتا ياشايدۇ، قىيامەت كۈنىدە جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىدۇ.