مۇسۇلمان تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆتۈكنى كىيگەن بولسا، ئاندىن تاھارىتى سۇنۇپ كېتىپ باشقىدىن تەرەت ئالماقچى بولسا، ئۆتۈكنى سېلىۋېتىمەن دەپ جاپا تارتماستىن ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ، بۇمۇ ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئۈممەتكە ئىبادەت ئىشلىرىنى ئاسان قېلىپ بېرىشىدۇر، لېكىن جۇنۇپ بولغان كىشى يۇيۇنماقچى بولسا گەرچە مەسھى قىلىشنىڭ ۋاقتى بولسىمۇ، ئۆتۈكنى سىلىۋېتىپ يۇيۇنىدۇ، ئۆتۈككە مەسھى قىلىش پەقەت تاھارەت ئالغاندا بولىدۇ