پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنى بايان قىلىپ بەردىكى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسلامغا مىسال قىلىپ: ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ھېچ قانداق قىڭغىرلىق بولمىغان توغرا يولنى بايان قىلدى، بۇ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇنى ئوراپ تۇرغان ئىككى تام ياكى ئىككى سېپىل بار، بۇ ئىككى سېپىل ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى، بۇ ئىككى تامنىڭ ئارىسىدا ئوچۇق ئېشىكلەر بار، بۇ ئاللاھ ھارام قىلغان، چەكلىگەن ئىشلاردۇر، ئۇ ئېشىكلەردە پەردىلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېچىدىكى نەرسىلەرنى سېرتتىن ئۆتكەنلەر كۆرەلمەيدۇ، ئۆ يولنىڭ بېشىدا كىشىلەرنى يېتەكلەيدىغان ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر چاقىرغۇچى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە : ئەتراپقا ۋە ئىككى تەرەپكە بۇرۇلماي تۈز يولدا مېڭىڭلار دەيدۇ، بۇ چاقىرغۇچى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، بۇ يەردە توغرا يولنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر چاقىرغۇچى بولۇپ، توغرا يولدا كېتىۋاتقانلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېشىكلەرنىڭ پەردىلىرىنى ئېچىپ بىقىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلارنى چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ: ۋاي ئېسىت! ئۇنى ئاچمىغىن، ئەگەر سەن ئۇنى ئاچساڭ، ئېچىگە كېرىپ كىتىسەن، ئۇ يەرگە كېرىشتىن ئۆزۈڭنى تۇتۇشقا قادىر بولالمايسەن دەيدۇ، بۇ چاقىرغۇچى بولسا، ئۇ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىلىدىكى ئاللاھنىڭ نەسىھىتىدۇر.