ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ». ھەسەن - ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم قۇرئان ئوقۇغۇچى، قارىغا، ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلغۇچىغا ۋە قۇرئاننى ياد قىلغۇچىغا جەننەتكە كىرگەندە: قۇرئان ئوقۇغىن، شۇنىڭ بىلەن جەننەتتىكى يۇقىرى دەرىجىگە ئۆرلىگىن، دۇنيادا ئالدىرماي تەرتىل بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلغىن، سىنىڭ ئورنۇڭ سەن ئوقۇغان ئەڭ ئاخىرىقى ئايەتكىچە بولىدۇ دېيىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • مۇكاپات ئەمەلنىڭ مىقدارى ۋە ئادا قىلىنىشىغا مۇۋاپىق بولىدۇ.
  • قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، تەكرارلاش، ياد قىلىش، مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  • جەننەتتە ئالى ئورۇنلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلەر بار، قۇرئان ساھىبلىرى جەننەتتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشىدۇ.