ئۇقبەتە بىن ئامىر جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى ئاشكارا ئوقۇغۇچى سەدىقىنى ئاشكارا قىلغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ، قۇرئان كەرىمنى ئېچىدە ئوقۇغۇچى سەدىقىنى مەخپى قىلغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ». تېكىست توغرا - ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغان