ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك سىلەرگىمۇ رىزىق بىرەتتى، قۇشلار ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ، كەچتە توق قايتىدۇ». تېكىست توغرا - تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىمىزدىكى پايدىغا ئىگە بولۇش ۋە زىياندىن ساقلىنىشتا ئاللاھ تائالاغا تايىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ھەقىقى ئاتا قىلغۇچى، چەكلىگۈچى ۋە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى پەقەت ئاللاھتۇر. ئاللاھ تائالاغا سەمىيمى تايىنىش بىلەن پايدىغا ئېرىشىش ۋە زىياندىن ساقلىنىشتا كېرەكلىك بولغان سەۋەپلەرنى قىلىمىز، بىز شۇ سەۋەپلەرنى قىلغاندا ئاللاھ تائالا بىزگە خۇددى ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ كېتىپ كەچتە قورسىقى توق قايتىپ كەلگەن قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك بىزلەرگىمۇ رىزىق بېرىدۇ، قۇشلارنىڭ ئەتتىگەندە چېقىپ كەچتە قايتىپ كېلىشى ھورۇنلۇق قىلماستىن ۋە تايىنىۋالماستىن رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ بىر تۈرىدۇر.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ھەقىقەتەن ئۇ رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.
  • تەۋەككۇل سەۋەپنى قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەقىقى تەۋەككۇل ئەتتىگەندە ۋە كەچتە چېقىپ رىزىق تەلەپ قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ.
  • شەرىئەت قەلب ئەمەللىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، چۈنكى تەۋەككۇل دېگەن قەلبنىڭ ئەمىلىدۇر.
  • سەۋەبكىلا تاينىۋېلىش دىندىكى كەمچىللىك، سەۋەپنى قىلماسلىق بولسا ئەقىلدىكى كەمچىللىك.