پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆپ تەكرار قىلىش ۋە دائىم تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئالاھىدە قەسەم قىلىپ تۇرۇپ تەكىتلىدى، ئىنسان قۇرئان كەرىمنى تەكرارلاپ تۇرمىسا باغلاقتىكى تۆگە باغلاقنى يېشىۋەتسە قاچقاندەك، ئۇ ئىنساننىڭ دىلىدىن ئۇنىڭدىنمۇ بەكراق قاچىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قۇرئاننى تەكرارلاپ تۇرمىسا ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.