بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ «پالانى ۋە پالانى ئايەتلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېگەن كىشىنى سۆككەنلىكى بايان قىلىنغان، چۈنكى بۇ ئىش قۇرئان كەرىمگە سەل قاراپ، ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ كىشى قۇرئانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، تەكرارلاشقا سۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنتۇلدۇرۇلۇش بىلەن جازالاندى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئاننى ئىزچىل تىلاۋەت قىلىشقا، تەكرارلاشقا، دەرسلىك قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. ئۇ: «قۇرئان كەرىم كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن تۆگە قاچقاندىنمۇ بەك قاچىدۇ» دېدى، تۆگە ھايۋانلار ئىچىدە قاچقاق، قېچىپ كەتكەندە ئۇنى تۇتۇپ كېلىش قېيىن ھايۋان بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان