پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە يېقىندا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەمىر ۋە باشلىقلار توغرىسىدا خەۋەر بەردى، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلىمىز، بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىنكار قىلىمىز. شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشنى باشقا تەرەپتىن ئىنكار قىلىشقا قادىر بولالماي دىلى بىلەن ئۆچ كۆرگەن كىشى گۇناھتىن ۋە نىپاقتىن پاك بولغان بولىدۇ. قولى بىلەن ياكى تىلى بىلەن ئىنكار قىلىشقا قادىر بولغان كىشى شۇ بويۇنچە ئىنكار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھ-مەسىيەتتىن ۋە ئۇ گۇناھقا شېرىك بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىشىغا رازى بولغان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر ئۇلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: مۇشۇ سۈپەتتىكى ئەمىر ۋە رەھبەرلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمىزمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: «ئۇلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نامازنى بەرپا قىلغان مۇددەتتە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلماڭلار»دېدى.