پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن رەھبەرلەرگە، ئىش باشقۇرىۋاتقانلارغا ئاسانچىلىق ۋە قىيىنچىلىقتا، بايلىق، كەمبەغەللىكتە، ئۇلارنىڭ بۇيرىقى كۆڭلىگە ياقسۇن ياكى ياقمىسۇن، ھەتتا رەھبەرلەر باشقا كىشىلەرگە مال-دۇنيا، ئەمەل- مەنسەپ بېرىپ ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى قىلسىمۇ ئۇلارغا بويسۇنۇش توغرىسىدا بەيئەت ئالدى. ھەقىقەتەن ئۇلارغا: ياخشى ئىشلارغا بۇيرىغاندا ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىش، ئۇلارغا قارشى ئىسيان قىلماسلىق ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا قارشى چىقىش ئارقىلىق يۈز بېرىدىغان پىتنە-پاسات ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان پاساتچىلىقتىن كاتتا بولىدۇ. ئۇلاردىن ۋەدە ئالغان ئىشلاردىن بىرى: ھەر قانداق جايدا ھەقىقەتنى سۆزلەش، ئاللاھ ئۈچۈن مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قۇرۇقماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.