ئەرپەجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «سىلەر بىر ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ بىرلەشكەن جامائەت بولغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ بىرلىكىڭلارنى بۇزۇپ، جامائىتىڭلارنى بۆلۈش ئۈچۈن بىرسى ئوتتۇرغا چىقسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار». تېكىست توغرا - مۇسلىم رىۋايىتى
explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنى بايان قىلىپ بېرىدۇكى، مۇسۇلمانلار بىر ئەمىر ياكى بىر ھاكىمغا ئىتائەت قىلىپ، جامائەت بولغاندىن كېيىن، ئەمىردىن ياكى ھاكىمدىن ھوقۇق تالىشىش ياكى بىرلىككە كەلگەن جامائەتنى بۆلىۋېتىدىغان بىرەرسى ئوتتۇرغا چىقسا ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇ كىشىنى بۆلگۈنچىلىكتىن چەكلەش، ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئەمىرلەرگە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ ۋە ئۇلارغا قارشى چېقىش ھارامدۇر.
  • مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرىگە ۋە جامائەتلىرىگە قارشى چىققان كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئەجدادى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنى ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ.
  • بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا رىغبەتلەندۈرۈش، بۆلۈنۈش ۋە ئىختىلاپتىن چەكلەش.