بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچى ئەمىرلەرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، ئىمامغا بەيئەت قىلىشقا بىرلىككە كەلگەن مۇسۇلمان جامائىتىدىن ئايرىلىپ، ئىمامغا ئىتائەت قىلماستىن شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جاھىلىيەتتە بىرەر ئەمىرگە ئىتائەت قىلمىغان، مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قېتىلماستىن بەلكى تۈرلۈك پىرقە، جامائەت بولۇپ، بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ ئۆلگەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: باتىلدىن ھەقنىڭ كۆرۈنىشى ئېنىق بولمىغان، ئۇقۇمسىز بايراققا ئەگىشىپ دىن ئۈچۈن ياكى ھەقىقەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلماستىن ئۆزىنىڭ مىللىتى، يۇرتى، قەبىلىسى ئۈچۈنلا ئۇرۇش قىلىپ، شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەنگە ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. (يەنى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىشنى دىنى ئەقىدىگە باغلاپ چۈشۈنۈشنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىۋالالايمىز). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە قارشى قورال كۆتۈرۈپ چېقىپ، ئۈممەتنىڭ ياخشىلىرى ۋە پاسىقلىرى دەپ ئايرىماستىن ھېچ پەرۋا قىلماستىن مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئازابىنىڭ دەھشەتلىكىدىن قورۇقماستىن، كاپىرلاردىن كېلىشىم تۈزگەنلەرنى ۋەدىگە ۋاپا قىلماستىن ياكى ئەمىرلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماستىن ئەھدىنى بۇزۇپ ھەممىنى ئۆلتۈرگەن كىشى (ئۇنىڭ قىلمىشى چوڭ گۇناھدۇر) قاتتىق ئازابقا لايىق بولىدۇ.