پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەر قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە مەسئۇل قىلسا، مەيلى دۆلەت باشلىقى ياكى باشقا ئەمەلدارلاردىن بولسۇن ياكى ئائىلە باشلىقى ۋە باشقا ئىشلارغا مەسئۇل بولسۇن، ئۆزى ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمايدىكەن، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسەتمەي، ساختىپەزلىك قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى زايە قىلىۋېتىدىكەن، بۇنداق كىشىلەر قىيامەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.