رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەنسەپنى سوراپ ئېلىشتىن توسقان، چۈنكى ئۇنى سوراپ ئالغان كىشى دۇنياغا ھىرىسمەنلىكىدىن ۋە دۇنيانى ئاخرەتتىن ئەلا بىلگەنلىكتىن يارىدەمسىز تاشلىنىدۇ، خورلىنىدۇ. ئەمما مەنسەپنى سورىماستىن ئۇ كىشىگە بېرىلسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە يارىدەم بېرىدۇ. بىر ئىشقا قەسەم قىلىش ياخشىلىقتىن توساپ قالماسلىقى كېرەك، قەسەم قىلغان كىشى ياخشىلىقنى قەسەمنى بۇزۇشتا كۆرسە ئۇنى بۇزۇپ كەپپارەت بېرىپ ياخشى ئىشنى قىلشى كېرەك