ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى تۈرلۈك بولغاچقا بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۆزىگە قېيىن بولىدىغان ئىشلارنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئىسلام شەرىئىتى ئوتتۇرھاللىقنى يولغا قويغان، ئىبادەتنى تولۇق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە قېيىن بولمايدىغان ئشلارنى يولغا قويدى. بۇ ھەدىستە، ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ بەيتۇللاھقا يالاڭ-ئاياغ مېڭىپ بېرىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەتىۋا سوراپ كىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايالنىڭ مەلۇم مۇساپىگىچە پىيادە يول يۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى مېڭىشقا ئىمكانىيىتى بولسا مېڭىشقا، ئەگەر چارچاپ قىلىپ مېڭىپ بولالمىسا ئۇلاغقا مېنىشكە بۇيرىدى