ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سەئد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھتىن ئانىسىنىڭ ئۈستىدە نەزىر روزىسى بار ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىدىن پەتىۋا سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: قازاسىنى قىلغىن، دېدى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

سەئد ئىبنى ئۇبادەنىڭ ئانىسى ۋاپات بولغاندا نەزىر«ۋەدە» قىلغان روزىسىنى تۇتالماي ئۆلۈپ كەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەئد ئىبنى ئۇبادەنى ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىغان