ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «بىر ئىشقا» قەسەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ئىشنى خەيرلىك دەپ قارىسام، قەسىمىمگە كەففارەت بېرىپ، ياخشى دەپ قارىغان شۇ ئىشنى قىلىمەن، دېدى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان