ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام يېنىدا ئولتۇرغانلارغا: ئۆزىنىڭ بىر كېچىدە يەتمىش ئايالى بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدىغان بىردىن چەۋەنداز تۇغۇدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە بىرلا ۋاقىتتا يەتمىش خوتۇننى نىكاھىدا جۇغلاش دۇرۇس ئىدى ياكى بۇ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا خاس ئىدى. ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ئاللاھ خالىسا دېگىن دېدى، لېكىن ئۇ ئۇنتۇپ قالدى، ئۇنداق دېمىدى، ۋەدىسى بويىچە كېچىدە يەتمىش ئايالى بىلەن بىرگە بولدى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى تۇغمىدى، پەقەت بىرسى پۇچۇق بالىدىن بىرنى تۇغدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا دېگەن بولسا، قەسىمى بۇزۇلمايتتى، بۇ سۆز بىلەن ئۆزىنىڭ ھاجىتى ئادا بولاتتى ۋە رىغبىتى ئەمەلگە ئاشاتتى»دېدى