كىمكى قەسەم قىلىپ: مەن ئىسلام دىنىدا ئەمەس (يەنى مەن مۇسۇلمان ئەمەس) ياكى مەن يەھۇدىي ياكى مەن خىرىستىئان ياكى مەن كاپىر ياكى مەن دىنسىز دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئىشى بۇ ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولمايدۇ: بىرىنچى ھالەت: ئۇ كىشى قىلغان قەسىمىدە يالغانچى بولسا، مەسىلەن: ئەگەر ئىش مۇنداق-مۇنداق بولسا مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلىپ، ئۆزى خەۋەر قىلغان ئىشتا يالغانچى بولسا، يەنى بۈگۈن پالانى سەپەردىن قايتىپ كەلدى دەپ يالغان قەسەم قىلىپ، ئەگەر كەلمىگەن بولسا مەن مۇسۇلمان ئەمەس ياكى مەن يەھۇدى ياكى مەن خىرىستىئان ياكى مەن مۇشرىك دەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىشتا يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولسا، ئۇ كىشى دېگىنىدەك بولىدۇ يەنى ئۇ كىشى ئىسلامدىن چىقىدۇ (مۇسۇلمان بولمايدۇ) ياكى يەھۇدى ياكى خىرىستىئان بولۇپ كىتىدۇ. ئىككىنچى ھالەت: ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ دېگەن سۆزىدە راستچىل بولسا، يەنى ئەگەر پالانى بۈگۈن سەپەردىن كەلمىسە ياكى مۇنداق ئىشنى قىلمىسا مەن ئىسلامدىن ئەمەس ياكى مەن يەھۇدى ياكى مەن خىرىستىئان دېسە، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان قەسىمىدە راستچىل بولسا، ئۇ كىشى بۇنداق ھالەتتە ئىسلامغا سالامەت قايتمايدۇ، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېيتقانغا ئوخشاش ئۇ كىشىدىن سادىر بولغان مۇشۇنداق ناچار، قەبىھ سۆزلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئىسلامغا مۇكەممەل ھالەتتە قايتمايدۇ، بەلكى ئىمانى ناقىس ھالەتتە قايتىدۇ