پەيغەمبەرئەلەيىھسسالام تۆت تۈرلۈك ئىشتىن چەكلىدى: بىرىنچى: ئايالنى ئىككى كۈنلۈك سەپەر مۇساپىسىنى ئېرىمۇ يوق ۋە باشقا ئۆزىگە مەھرەم بولىدىغان ئوغلى، دادىسى، قىرىندىشىنىڭ ئوغلى، ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى، تاغىسى، ئانا تەرەپ تاغىسى قاتارلىق ئۆزى بىلەن توي قىلىشى ئەبەدى ھارام بولغان مەھرەملىرىمۇ يوق يالغۇز ھالەتتە سەپەر قىلىشتىن چەكلىدى، ئىككىنچى: روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىدى، ئۇ نەزىر قىلغان روزا بولسۇن ياكى كاپارەت روزىسى بولسۇن ياكى ھەر قانداق نەپلە روزا بولسۇن ئۇنىڭ ھۆكمى ئوخشاش چەكلىنىدۇ. ئۈچىنچى: ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلىپ بولۇپ كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىقتا ۋە بامدات نامىزىنى ئادا قىلىپ كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا مۇتلەق نەپلە ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىدى. تۆتىنچى: ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىت ۋە ئورۇنلارغا ئۇ يەردە ئىبادەت قىلسا ئەجىر-ساۋاپ زىيادە بولىدۇ، پەزىلەتلىك بولىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن بېرىپ ناماز ئادا قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۈچ مەسچىتتىن باشقا ئورۇنلاردا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ ۋە نامازنىڭ ئەجىر-ساۋابى زىيادە بولمايدۇ. ئۇلار: ھەرەم مەسچىتى، ئەقسا مەسچىتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدىن ئىبارەتتۇر.