ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرۇلۇق خەۋەر بېرپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىلەرگە قىلغان بۇ ۋەسىيتىمگە قۇلاق سېلىڭلار!، ئۇ بولسىمۇ: سىلەر ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشۇڭلار كېرەك». چۈنكى ئاياللار ئەقىل پاراسەتتە، دىندا، تەپەككۇر قىلىشتا ۋە پۈتۈن ئىشلىرىدا كەمچىللىكتىن خالى بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان. ئۇنداق بولىشى ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاتا-ئانىدىن ياراتماستىن، بەلكى ئۇنى توپىدىن ياساپ، ئۇنىڭغا «بول» دېگەن بۇيرۇقنى قىلىپ، ئۇنى پەيدا قىلدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن بۇ مەخلۇقاتنى ئاۋۇتۇشنى ئىرادە قىلغاندا، جۈپتىنى ئۇنىڭ ئەگرى قوۋۇرغىسىدىن ياراتتى. ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلىناي دېسەڭ، ئۇنىڭ شۇ ئەگرىلىكى بىلەن پايدىلىنىسەن، ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، ئۇنى سۇندۇرۇپ قويىسەن. بۇ ئايال كىشىمۇ ئەگەر كىشى پايدىلىناي دەپ قالسا، ئۇنىڭ شۇ ئەگرىلىكى بىلەن پايدىلىنالايدۇ، يەنى ئۇنىڭ قولىدىن كەلگىنىگە رازى بولۇپ ياشايدۇ. ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دەپ قالسا، ئۇ ھەرگىزمۇ راۋۇرۇس رۇسلانمايدۇ، ئۇ ئادەممۇ ئۇنى ھەرگىز ئۇنداق رۇسلىيالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال گەرچە دىنىدا راۋۇرۇس بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى بەزى تەرەپلىرى رۇسلانمايدۇ، ھەممە ئىشتا يولدىشى خالىغاندەك بولمايدۇ. بەلكى قارشىلىشىش ۋە باشقا يىتەرسىزلىك چوقۇم سادىر بولىدۇ، ئۇنى رۇسلاي دېسەڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن، ئۇنىڭ سۇنغىنى تالاق قىلىنغانلىقىدۇر، يەنى، ئەگەر سەن خالىغىنىڭدەك رۇسلىنىشىغا تىرىشساڭ مومكىن بولماي، شۇنىڭ بىلەن زېرىكىپ تالاق قىلىسەن