بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىكاھنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئايالنىڭ ۋەلىسى بولۇشىنى شەرت قىلدى، ئايال ۋەلىسىنىڭ خەۋىرى يوق ياكى رۇخسىتىسىز ئەرگە تەككەن بولسا، ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ، مۇشۇنداق نىكاھ بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، ئايالغا تويلۇق مېھرى بېرىلىدۇ، ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئارىسى ئايرىۋىتىلىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنىمۇ ئوچۇق بايان قىلىپ: ئايالنىڭ ئىگىلىرى ئايالنى ياتلىق قىلىش ئىشىدا تالاش-تارتىش قىلىشىپ قالغان بولسا ياكى ئۇ ئايال ۋەلىلىرى بىلەن ئىخىتىلاپلىشىپ قالغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىشى يۇرتنىڭ چوڭىغا تاپشۇرىلىدۇ، يۇرتنىڭ چوڭى ۋەلىسى يوق كىشىنىڭ ۋەلىسىنىڭ ئورنىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ