نىكاھ ئەھدىسى ئەڭ خەتەرلىك ئەھدىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن ئەر كىشى، ئايال كىشى ئەڭ قاتتىق ھىمايە قىلىۋاتقان نەرسىنى ئۆزىگە ھالال قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئايالنىڭ ئەۋرىتى. بۇ ئەھدى بىلەن ئايال ئەرنىڭ ئىلكىگە باغلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئادىل، ناھايىتى رەھىمدىل ۋە ئەڭ ھېكمەتلىك پەيغەمبىرىمىز ئۇ ئايالغا ئۆزىنىڭ ھاياتلىق جۈپتىنى تاللاش ھوقۇقىنى، ئۇنىڭغا ئۆزى ئويلىنىپ تاللاش ئىختىيارلىقىنى بەردى. چۈنكى ئۇ ئەر بىلەن ئۆي تۇتىدىغان كىشى ئۇ ئايال بولغاچقا، بۇ ئايال ئۆزىنىڭ رىغبىتىنى ۋە قىزىقىشلىرىنى ئۆزى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوكاننىڭ ئوچۇق بۇيرۇقىنى ئالمىغۇچە نىكاھلاپ قويۇشتىن چەكلىدى. شۇنىڭدەك، قىزنىمۇ بۇ ئىشتا رۇخسىتىنى ئالماستىن نىكاھلاپ قويۇشتىن چەكلىدى. چۈنكى قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھايا قىلىش غالىپ كېلىپ، ئوچۇق دىيەلمەيدىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇيرۇشتىن يەڭگىلراق بولغان سۇكۇت بىلەن كۇپايىلەندى، چۈنكى قىزنىڭ سۇكۇت قىلىشى ئۇنىڭ رازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ