explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايالنىڭ تويىنى قىلغاندا نىكاھ ئىشىغا ئۇنىڭ ۋەلىيسى ئىگە بولمىسا توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

explain-icon

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  • نىكاھنىڭ ساغلام بولىشى ئۈچۈن ۋەلىنىڭ ھازىر بولىشى شەرتتۇر، ئەگەر ۋەلىسى يوق نىكاھ قىلىنغان بولسا ياكى ئايال ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغان بولسا، نىكاھ توغرا بولمايدۇ.
  • ۋەلىي دېگەن ئايالنىڭ ئەڭ يېقىن تۇققىنىدۇر، ئايالنىڭ يېقىن تۇققىنى تۇرۇپ يىراق تۇققىنى ۋەلى بولۇپ تويىنى قىلىپ قويالمايدۇ.
  • ۋەلى بولىدىغان كىشىنىڭ: بالاغەتكە يەتكەن، ئەر، نىكاھتىن بولغان مەنپەئەتنى بىلىدىغان بولىشى، ۋەلى بىلەن ۋەلى قىلىنغان ئايالنىڭ دىنى بىر بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەگەر بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنمىگەن كىشى نىكاھتا ۋەلى بولالمايدۇ.