ھەدىسنىڭ مەنىسى: قۇل خوجايىنىنىڭ رۇخسىتىسىز توي قىلىدىكەن، ئۇنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ، قىلغان كېلشىمى بۇزۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمى زىنا قىلغۇچىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇنىڭ نىكاھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ئايالنى ئايرىۋېتىش زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى قۇل ئۆز ئالدىغا توي قىلالمايدۇ