پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزلىگەن خۇتبىنى ئابدۇللاھ ئىبنى زەمئە ئاڭلىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ خۇتبىسىدە سالىھ ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزە قىلىپ بېرىلگەن تۆگىنى ۋە ئۇ تۆگىنى ئۆلتۈرۋەتكەن كىشىنى تىلغا ئالدى، ئۇ قەۋمنىڭ ئەڭ بەدبەخىت ئادىمى بولۇپ، ئىسمى قۇدار ئىدى. ئۇ: ئوخشىشى كەم تىپىلىدىغان، ئىنتايىن بۇزغۇنچى، قەۋمى ئىچىدە نوپۇزلۇق كىشى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خۇتبىسىدە: «بىرىڭلار ئايالىنى قۇلنى قامچىلىغاندەك قامچىلاپ»، دېدى. بۇ ئەدەبلەش يۈزىسىدىن قۇلنى قاتتىق ئۇرۇشنىڭ، ئاياللارنى يىنىك ئۇرۇشنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ ھەدىستە: ئايالىنى قاتتىق ئۇرۇپ، ئايالىنى ئۇرغان كېچىسى ياكى كۈندۈزىدە بىرگە بولۇشتەك ئىككى ئىشنىڭ ئەقىللىق كىشىدىن يۈز بېرىشىنى يىراق سانىغان. چۈنكى تۇرمۇشتا ئايال بىلەن بىرگە بولۇش ياكى بىللە يىتىش كۆڭلى تارتىپ، قىزىققاندىلا ياخشى بولىدۇ. قامچىلانغۇچى كۆپىنچە قامچىلىغان ئادەمدىن نەپرەتلىنىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ئەيىپلىنىدىغانلىقى ئىشارە قىلىنغان.ئۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا يىرگىنىش، ئۇرۇشتا ئاشۇرىۋىتىش ۋە ئەدەپلەشكە سەل قاراش ئىشلىرى يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن يىنىك ئەدەپلەش كېرەك. «ئاندىن يەنە ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى»، يەنى يەل قويۇپ بېرىشنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتىن ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى بۇ ھۆرمەت دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئادىمىگەرچىلىككە زىت ئىش. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن: بەزىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزى قىلىدىغان ئىشتىن كۈلىدۇ؟ دېدى. چۈنكى كۈلۈش پەقەت ئەجەبلىنەرلىك، ئالاھىدە ئىشلارغا بولىدۇ، كۈلكىنىڭ تەسىرى ئادەم چىھرىدە نامايەن بولسا تەبەسسۇم بولىدۇ، كۈشلۈك، ئاۋازلىق چىققاندا كۈلكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولسا قاقاھلاپ كۈلۈش بولىدۇ، يەل قويۇپ بېرىش ھەر بىر ئىنساندىن يۈز بېرىدىغان نۇرمال ئىش تۇرۇغلۇق، بۇ ئىش بىرەر كىشىدىن سادىر بولغاندا نېمە ئۈچۈن كۈلىدۇ