پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاياللار بىلەن خالى يەرگە كىرىپ يالغۇز قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى قانداق بىر ئادەم بىر ئايال بىلەن يالغۇز قالىدىكەن، ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىز، گۇناھ - مەسىيەتكە بولغان قۇتراشلىرى كۈچلۈكتۇر. بەلكى ھارام ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا يامانلىقتىن ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپچى بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن يات ئەر-ئايالنىڭ خىلۋەت جايدا يالغۇز قىلىشىنى چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنسارلاردىن بىر كىشى، ئى رەسۇلۇللاھ (ئاياللارغا نىسبەتەن) ئەرلىرىنىڭ تۇغقانلىرىچۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ تۇغقىنى بولغان ئۇ ئەرنىڭ ئايالى ئۆيىدە چاغدا، ئۇ ئۆيگە كىرىشكە مۇھتاج بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭغىمۇ رۇخسەت يوقمۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام: بىر ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئەركەك تۇغقانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشى ئۆلۈم بىلەن باراۋەردۇر، دېدى. چۈنكى كىشىلەر بۇنى توسىماستىن بۇ ئىشقا سەل قاراپ كۆنۈپ قالغان، شۇڭا ئۆزىگە مەھرەم بولمىغان ئەرلەر بىلەن يالغۇز قېلىۋېرىدۇ، بەزىدە ھېچكىم بىلمەستىن ھەتتا گۇمانمۇ قىلماستىن زىنا - پاھىشە يۈز بېرىدۇ ۋە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا دىنى ھالاكەت ۋە مەڭگۈلۈك ۋەيرانچىلىق بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا رۇخسەت يوق، بەلكى ئەگەر غۇرۇرلۇق بولساڭلار ئەركەك تۇغقانلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلار بىلەن ئايرىم قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، دېدى