پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيانىڭ تېتىشتا تاتلىق، كۆرۈنۈشتە يېشىل، گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىنسان ئۇنىڭ بىلەن ئالدىنىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا چۆمۈپ كېتىدۇ ۋە ئۇنى ئاساسلىق غايىسى قىلىدۇ دېدى. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھاياتى دۇنيادا قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىمىزغا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىمىزمۇ ياكى ئاسىيلىقمۇ؟، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىش ئۈچۈن بەزىلىرىمىزنى بەزىلىرىمىزگە ئىز باسار قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ نازۇ- نېمەتلىرى ۋە گۈزەللىكلىرى سىلەرنى ئازدۇرۇپ، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرىغان بۇيرۇقلارنى تەرك قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى سادىر قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ قىلىشىدىن ھەزەر قىلىڭلار دېدى». دۇنيا پىتنىلىرى ئېچىدە ئىنسان ئەڭ ھەزەر قىلىشى كېرەك بولغىنى: ئاياللارنىڭ پىتنىسىدۇر، بۇ ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدىمۇ تۈنجى يۈزبەرگەن پىتنىدۇر.