بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئەرلەر سىلە بىلەن سۆزلىشىپ ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى ئىلىپ كەتتى، بىزگە سىلە بىلەن ئۇچرىشىپ، دىنىمىز توغرىسىدا بىر نەرسە سورىغۇدەك ۋاقىت قويمىدى، ئۇلار ھەر كۈنى سىلىگە ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، بىز ئاياللارغا سىلە بىلەن ئۇچرىشىدىغان بىزگە دىنى تەلىم بېرىدىغان بىر كۈننى بېكىتسىلە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارغا بىر كۈننى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاللاھ تائالا ۋەھىي قىلغان دىنى بىلىملەرنى ۋە ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلارنى تەلىم بەردى، ئاندىن ئۇلارغا: قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايال بۇنىڭغا سەۋىر قىلىپ، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا، ئۇ بالىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئانىسى خاتالىقى سەۋەبىدىن دوزاخقا لايىق بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئانىسى ئۈچۈن دوزاختىن توسانجا بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ، بىر ئايال: ئىككى بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسىمۇ ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالدەك ئەجىرگە ئېرىشەمدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىككى بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسىمۇ، ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالغا ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ»دېدى