پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ياخشى كۆرمىگۈچە، مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدىغانلىقى، ئىمان مۇكەممەل بولمايدىغانلىقى ۋە ئىمان مۇكەممەل بولمىسا جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ئومۇملاشتۇرىدىغان بىر قانچە ياخشى ئىشلارنى كۆرسەتتى، ئۇ ئىشلاردىن بىرى: ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈچۈن ھۆرمەت بەلگىسى قىلغان سالامنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئاشكارا قىلىشتۇر.