ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان ئۆلگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئۇزاتقۇچىلار ئەگىشىدۇ، ئەھلى ئەگىشىپ قەبرىستانغىچە ئۇزىتىپ بارىدۇ، مېلى ئەگىشىدۇ، يەنى قۇل-خىزمەتچىلىرى ئەگىشىدۇ، قىلغان ئەمەلى ئەگىشىدۇ، ئىككىسى قايتىپ كېتىدۇ، ئەمىلى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قالىدۇ. ئەگەر ياخشىلىق بولسا ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ، يامانلىق بولسا ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ