ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۈممىتىگە دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرى ۋە زىننەتلىرىنىڭ يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرىدى. بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە كۆيۈنگىنى ۋە مېھرىبانلىق قىلغانلىقىدىندۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننەتلىرى يۈزلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھىدايەتتىن، ئۇتۇق قازىنىشتىن ۋە نىجاتلىق يولىدىن ئېزىپ كېتىپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈم بىلەن تەۋبەسىز دۇنيادىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزۈرىسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى