ھەزرىتى كەئب ئىبنى ئىيازدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پىتنىسى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيادۇر» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ھەزرىتى كەئب ئىبنى ئىياز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پىتنىسى بولىدۇ» يەنى ئادەمنى ئازدۇرۇپ، گۇناھ قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەر. «ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيا» چۈنكى ئۇ ئارزۇ-ئارماننىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مال-دۇنيا بىلەن بولۇپ كېتىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ