ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە پەتىھى بولغان كۈنى خۇتبە سۆزلەپ، مۇنداق دېدى: مەككىدىن ھىجرەت قىلىش يوق، چۈنكى ئۇ ئىسلام دىيارى بولدى، ئەمما جىھاد داۋملىشىدۇ ۋە جىھادقا چىقىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئەمىرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى لازىم. ئاندىن مەككىنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا ھارام قىلىنغان شەھەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇنىڭ ھاراملىقى ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقاندىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ پەيغەمبىرىمىزدىن ئىلگىرى ھېچكىمگە ھالال قىلىنمىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمگە ھەرگىز ھالال بولمايدىغانلىقى، ھەتتا پەيغەمبىرىمىزگىمۇ شۇ كۈنى بىرقانچە سائەتلام رۇخسەت قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭدىن كىيىن ھاراملىقىغا قايتۇرۇلغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن مەككىنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلىپ: ھەرەم دائىرىسىدە ھەتتا تىكەنمۇ كېسىلمەسلىكى، ھايۋانلىرى ئۆكۈتۈلمەسلىكى، ئۇنىڭدا تېپىۋېلىنغان نەرسىنى ئېلان قىلىش يۈزىسىدىن ئالمىسا ئېلىشقا رۇخسەت يوقلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭمۇ ئورالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن قەغەزگۈل مەككە ئەھلىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇستەسنا قىلىندى. تەيسىيرىل ئەللام 384- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 515- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم351- بەت