بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، يۈتۈپ كەتكەن ئالتۇن- كۈمۈش، تۆگە ۋە قوي قاتارلىق ماللارنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ نەرسىلەرنىڭ ھۆكمىنى ئۇنىڭدىن باشقا شۇ نەرسىلەرگە ئوخشايدىغان يۈتۈپ كەتكەن نەرسىلەرگە مېسال بولسۇن ۋە شۇلارنىڭ ھۆكمىنى ئالسۇن دەپ بايان قىلىپ، ئالتۇن ۋە كۈمۈش توغرۇلۇق: ئۇنى سالغان خالتىنى (ھەمياننى) ۋە بوغقان يىپىنى بىلگىن! بۇنداق قىلغاندا بۇ مالنى ئۆزۈڭنىڭ ماللىرىڭدىن ئايرىيالايسەن ۋە مەزكۇر بەلگىگە قارىتا ئۇنى ئۆزىنىڭكى دەپ داۋا قىلغانلارغا خەۋەر قىلالايسەن، ئەگەر ئۇنىڭ دېگەن سۈپەتلىرى سېنىڭ بىلگىنىڭگە ئۇدۇل كەلسە، ئۇ نەرسىنى بېرىسەن. ئەگەر ئۇنداق بولماي قالسا ئۇنىڭ قىلغان داۋاسىنىڭ خاتالىقى ئايان بولىدۇ. ئۇنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بىر يىلغىچە ئېلان قىلغىن! ئۇنى ئېلان قىلىش: كىشىلەر توپلىشىدىغان بازار، مەسچىتلەرنىڭ ئالدىلىرى، ئومۇمى خەلق توپلىشىدىغان جايلار ۋە ئۇنى تېپىۋالغان جايلاردا بولىدۇ. ئەگەر ئىگىسى چىقمىسا ئىشلەتسەڭ بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىگىسى بىر كۈنلەردە چىقىپ قالسا، ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىشىڭ كېرەك، دېدى. ئەمما يۈتۈپ كەتكەن تۆگە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان ھايۋانلار بولسا، ئۇنى تۇتۇۋىلىشتىن چەكلىدى. چۈنكى بۇنداق ھايۋانلار ياۋلاردىن ھىمايە قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس، بەلكى ئۆز تەبىئىتىدىن ھىمايىسى بار. مەسىلەن: كىچىكرەك يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن ئۆزىنى ساقلىيالايدىغان كۈچى، ئۇنى خەتەرلەردىن يىراق قىلىدىغان تۇياقلىرى، دەرەخلەردىن يېيەلەيدىغان ۋە قۇدۇقتىن سۇ ئىچەلەيدىغان بوينى ۋە ئوزۇقلۇق ساقلايدىغان خەزىنىسى باردۇر. دېمەك؛ ئۇنى باشتا يۈتۈپ كەتكەن يېرىدىن ئىزدەيدىغان ئىگىسى تېپىپ بولغۇچە، ئۆزىنى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ۋە ھالاك بولۇپ كېتىشتىن ئۆزىنى ھىمايە قىلالايدۇ. ئەمما قويغا ئوخشىغان كىچىك ھايۋانلارنى بولسا، يېرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ۋە ھالاك بولۇپ كېتىشىدىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تۇتۇۋېلىشقا رۇخسەت، ئۇنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىگىسى كېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇنى ئېلان قىلىش كېرەك بولغان بىر يىل ئۆتۈپمۇ ئىگىسى كەلمىسە، ئۇ مالنى تېپىۋالغۇچى ئىشلەتسە بولىدۇ