بۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: قاغا، سار، چايان، چاشقان ۋە غالجىر ئىت قاتارلىق بەش تۈرلۈك ناچار خاراكتىرلىق جانلىقلارنى ھەرەمدە بۇلسۇن ياكى باشقا جايدا بولسۇن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. چۈنكى بۇ بەش تۈرلۈك ھايۋان باشقا جانلىقلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدىن چىقىپ كەتكەن، بۇ جانلىقلارنىڭ يەتكۈزىدىغان ئەزىيەتلىرى تۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساناپ تۇرۇپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، بۇ ھايۋانلارغا ناچارلىق سۈپىتىدە ئوخشايدىغان باشقا ھايۋاناتلارمۇ ھۆكۈمدە ئۇلارغا قېتىلىدۇ، ئۇنى ھەرەم ساقلاپ قالالمايدۇ، ئىھرام توسۇپ قويالمايدۇ