پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە ھېيت كۈنى مىناغا كەلگەندە، شەيتانغا تاش ئاتتى، ئاندىن مىنادىكى چېدىرىغا قايتىپ قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ساتىراچنى چاقىرىپ چېچىنى ئالدۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساتىراچقا چاچنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ ئېلىشقا بۇيرىدى، ئاندىن ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئوڭ تەرەپتىن ئالدۇرغان چاچلارنىڭ ھەممىنى بەردى، ئاندىن چېچىنىڭ قالغىنىنى ئالدۇردى، يەنە ئەبۇ تەلھەنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۇ چاچلارنى بېرىپ: «بۇنى كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگىن» دېدى. ئەبۇ تەلھە ئۇنى كىشىلەرگە بۆلۈپ بەردى، بەزى كىشىلەرگە بىر تال چاچ، يەنە بەزىلەرگە ئىككى تال چاچ، يەنە بەزىلەرگە ئالالىغىنىچە كۆپرەك تەگدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇبارەك چاچلىرىنى كىشىلەر تەۋەرۈك بىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىز-ئەسەرلىرى بولسا توغرا بولىدۇ، ھەمدە بۇ پەقەت رەسۇلۇللاھقىلا خاس بولىدۇ