بۇ ئورۇنلار ئىسلامدىن ئىلگىرى مۇشرىكلارنىڭ ھەج كۈنلىرىدە تىجارەت قىلىدىغان بازارلىرى ئىدى، ساھابىلار ھەج كۈنلىرىدە ئۇ جايلاردا تىجارەت قىلىشنى گۇناھ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىشنىڭ شەرئى يول بىلەن ئادا قىلىنغان ھەج پائالىيتىنى بۇزىۋەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى. چۈنكى ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىسا بولىدۇ، لېكىن ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلشقا پۈتۈن زېھنىنى بېرىش ئەلا، ھەممىدىن ياخشى ۋە ئەۋزەلدۇر